【维吾尔语聊天贴】Uyghurchimu Mungdushup Baqayli Balla !

Nime diyishsek meyli, uyghurche bolsunchu !

楼主 man2rk  发布于 2015-12-17 11:50:00 +0800 CST  
شائىر ھۇۋەيدانىڭ ئېسىل نەزمىسى-«ئۆزگەدۇر»
*
ئەيتماغىل سەن سىررىڭنى ھەركىمگە،سىرداش ئۆزگەدۇر،
دەردى يوق بىدەردتكە مۇڭ ئەيتما، مۇڭداش ئۆزگەدۇر.
ھەمراھى قابىل بىلەن يۈر،بىر غېرىچلىق بولسا يول،
يۈرمەگىل ناجىنىس بىرلە، يولدا يولداش ئۆزگەدۇر.
قولدا مالىڭ بارىدا يارۇ بۇرادەر ياخشى كۆپ،
ئاخىر باش ياستۇققا يەتكەندە، قىرىنداش ئۆزگەدۇر.
بارچە يىغلاپ«ئاھ»دەپ،دەردلىغ كىشىدۇر بەلگۈلۈك،
دىل كۆيۈپ كۆزدىن تۆكۈلگەن دەردلىغ ياش ئۆزگەدۇر.
ئەي ھۇۋەيدا، بەرمە دىل ھەر بىۋەفانى يارنى دەپ،
ئىككى ئالەم بار بېۋەفا يارى قارا قاش ئۆزگەدۇر.

楼主 man2rk  发布于 2015-12-17 11:58:00 +0800 CST  
Semimi Nesihet :Daim keqide wahtida uhlimaslikni ozige bilip bilmey adet kilghan adem,yaxan'ganda baxkilardin 90% koprek minge yigilixix kesilige muptila bolux pursitige erixidu…bu digenlik keriganda oz ozingizge ige bolalmay harlinip kalisiz digenlik…
Aldini alay,uykusiz keqilirim uqun kelguside bedel tolimey disingiz,bek keqide emes bikar menisiz digen qagliringizda yahxi kitaplarni okung!mingingizdiki etilgen nerv tuxukliri kayta eqilixka baxlaydu

楼主 man2rk  发布于 2015-12-17 12:00:00 +0800 CST  
Putun dunyada Erebler 225milyondin axidu,22doletke taralghan,98%Islam dinigha etikat kilidu。xerktiki kuweyt bilen eng gheribtiki meghrib dolitidiki erebler ohxax ereb tilida sozlixip turup bir birining tilini quxenmeydu,1400yil ewel quxken Kur'an Kerimnighu mehsus diniy zatliridin baxkilar esla quxenmeydu。1957 yili ereb doletliri itpaki kahirede yighin eqip ereb dunyasida ortak quxengili bolidighan Fus'ha Ereb tilini kexib kildi。Ereblerge irik millet jehette eng yekin turidighan helk del yehudilardur,ozara ferki uyghur kazak ferkige ohxaydu,emme nigizlik ferki yenila diniy ferkdur。

楼主 man2rk  发布于 2015-12-17 12:01:00 +0800 CST  
Insanning sapa sowliti ilkidiki baylikidin, esil iginidin,guzel hosni girimidin,hetta korgen telivizor, kino we yaki zamaniwiliktin emes ,belki sapalik ata-anilar,dana ustazlar we esil kitaplardin algan bilim terbiyedin kelidu。bir erni terbiylise peket bir ademni terbiyligen'ge barawer,emma bir ayalni terbiylise bir ailini terbiyligen'ge barawerdur。

楼主 man2rk  发布于 2015-12-17 12:01:00 +0800 CST  
نادانلار سورۇنىدا گاس بولماق ، دانالار سورۇنىدا گاچا بولماق ئېسىللىقتۇر !

楼主 man2rk  发布于 2015-12-17 12:02:00 +0800 CST  
Adam wijdan bilan yaxixi kerak,har kandak wakitta wijdaniga yuz kelalmaydigan ixni kilmasliki kerak,mayli u hizmat kilix jahatta bolsun ,mayli u kixilik turmux wa ijtimaiy munasiwatlarda bolsun oz halkiga ,watiniga wa oz etikadiga yuz kelalmaydigan ixni kilmasliki kerak. bundak kilixning hammisi wijdansizlik. wijdansizlik uni adimiyliktin qikiridu, bundak kilganda ozi bir ix kilalmaydigan ,baxkilarning kilginini koralmaydigan ,bazida baxkilarning qapinida tarligisu kelidigan ,agar xu ixta masila qikip kalgudak bolsa baxkilarga yuklap koyup ozi pak adam boliwalidigan paskax kixiga aylinip kalidu.bundak adamning kalbidiki iman ajiz yaki yok bolup allahnig har bir ixidin hesap alidiganlikiga ixanmiganliki uqun ,u ozining xahsiy manpaat yaki hokuk tamasida hattiki hotunini baxkilarga tutup berixtin yaki maksidiga yetix uqun baxkilarning bexiga qikixtin yanmaydu ,ular dawrimizdiki adimiyliktin qikkan bir wijdansizlar ,ular karimakka adamlar topi iqida adamdak korunip yaxawatkan kixilar bolsimu amalyatta ular wijdansiz haywanlardur.

楼主 man2rk  发布于 2015-12-17 12:03:00 +0800 CST  
ئاياللارنى پەقەت ئۇلۇغ ئادەملەرلا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇلارنى پەقەت پەسكەش ئادەملەرلا خارلايدۇ. ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتا پىشىپ-يېتىلگىنى ئاياللارغە يول قويىدۇ!
ئاياللارنىڭ پىشىپ-يېتلگىنى بولسا ئەرلەرنى كەچۇردۇ! ئايال كىشى تولىمۇ ئاجىز ،سىز ئۇنى ئاللاھ رازىلىقى ئۇچۇن سويگەن بولسىڭىز ئۇنىڭ كوڭلىنى ئاغرىتماڭ ،ئۇ سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ ماڭغان ئىكەن ،بۇ «ئۇنىڭ» سىزنى تاللىغنى ،«ئۇنىڭ»غا ئوزنىڭ تاللىغىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇڭ ! كوڭۇل بەكمۇ نازۇك سىزنى سويگەننىڭ كوڭلىنى رەنجىتمەڭ، سىزنى سويگەنىڭ كوزىدىن ياش ئاقمىسۇن !!!

楼主 man2rk  发布于 2015-12-17 12:06:00 +0800 CST  
ئويغان

(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)


ئەي پېقىر ئۇيغۇر ،ئويغان،ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق،ئەمدى كەتسە جان كىتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،
ئاھ،سېنىڭ ھالىڭ خەتەر،ھالىڭ خەتەر.

قوپ!دېدىم،بېشىڭ كۆتۈر!ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبىڭ باشىنى كەس،قېنىنى چاچ!
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج.

ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟!

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى،
كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق،ئىشىڭ چاتاق.

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،
سەپدىشىم،قېرىندىشىم،بىر تۇغقىنىم.
كۆيۈنۈپ ھالىڭغا،ئويغاتسام سېنى،
ئاڭلىمايسەن زادى،نېمە بولغىنىڭ؟

كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
<<خەپ!>> دېسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،
شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.

1920-يىل !

楼主 man2rk  发布于 2015-12-17 12:07:00 +0800 CST  
غېرىپ دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا،
ۋىسال قەدرىنى ئاشىق گەدادىن سورا،
ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنا، نە تەم؟
بۇنى ئۆز ئېلىدىن جۇدادىن سورا،

-ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

楼主 man2rk  发布于 2015-12-27 01:01:00 +0800 CST  
Wederha kechtimma bu jahanning reptaridin,
Pede basmas shu lawza shu cholak duttaridin,
Ya Kadiri sen ozeng shunche durust bendisen,
Ne kelguluk bu sanga shu teghdir depteridin....
2016.1.12






楼主 man2rk  发布于 2016-01-12 12:15:00 +0800 CST  
پادىشاھ قاتتىق سوغۇق كېچىلەرنىڭ بىرىدە قەسىرىگە قايتىپ كەپتۇ ، ئۇ دەرۋازا تۇۋىدە يېلىڭ كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرغان ياشانغان دەرۋازىۋەننى كۆرۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن : توڭلىمىدىڭىزمۇ ؟ دەپ سوراپتۇ .
دەرۋازىۋەن : ھەئە ، توڭلاۋاتىمەن بېراق سوغۇقتىن دالدا بولغىدەك قېلىن كىيىملىرىم يوق شۇڭا بۇنىڭغا چىدىماقتىن باشقا ئىلاجىم يوق دەپتۇ .
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ : مەن ھازىر قەسرىمگە كىرىپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ بىرىگە سىزگە قېلىنراق كېيىم ئەچىقىپ بېرىشىنى تاپىلايمەن دەپ ۋەدە بېرىپ كېتىپ قاپتۇ .
دەرۋازىۋەن بوۋاي پادىشاھنىڭ بۇ ۋەدىسىدىن ناھايىتىمۇ بەك خۇشال بوپتۇ، لېكىن پادىشاھ قەسىرىگە كىرىپلام بوۋايغا قىلغان ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ .
ئەتىسى ئەتىگەندە كىشلەر دەرۋازىۋەن بوۋاينىڭ سوغۇقتا توڭلاپ بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقانلىقىنى ، ئۇنىڭ يان تەرىپىدە « پادىشاھ ئالىيلىرى !!! مەن ھەر كۈنى كېچىسى سوغۇققا قەيسەرلىك بىلەن چىداپ كېلىۋاتاتتىم ئەمما سېلىنىڭ ئاخشام قېلىن كېيىم ئاچىقىتۇرۇپ بېرىمەن دەپ بەرگەن ۋەدىلىرى مەندىن كۈچ - قۇۋۋىتىمنى تارتىۋالدى ۋەمېنى ئۆلتۇردى » دەپ ئىرماچ - چىرماچ قىينىلىپ يېزىلغان بىر پارچە خەتنى بايقاپتۇ .
خۇلاسىە :
سىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن ۋەدىڭىز ئۇلارغا سىز ئويلىغاندىنمۇ بەكراق مۇھىم بولىشى مۇمكىن ، شۇڭلاشقا بەرگەن ۋەدىڭىزگە خىلاپلىق قىلـماڭ چۈنكى سىز شۇ سەۋەپلىك نېمىلەرنى يوقىتىۋىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلـمەيسىز .

楼主 man2rk  发布于 2016-01-30 10:15:00 +0800 CST  


楼主 man2rk  发布于 2016-01-31 10:30:00 +0800 CST  


楼主 man2rk  发布于 2016-01-31 11:54:00 +0800 CST  

楼主:man2rk

字数:6637

发表时间:2015-12-17 19:50:00 +0800 CST

更新时间:2017-11-07 14:39:52 +0800 CST

评论数:106条评论

帖子来源:百度贴吧  访问原帖

 

热门帖子

随机列表

大家在看